2008年12月24日星期三

ئۇ ئادەتتىكى بىر تازلىق ئىشچىسىمۇ؟
















بۈگۈن مەكتەپ بىزنى دەم ئىلىشقا قويۇپ بەردى. مەن ئوقۇۋاتقان بۇ مەكتەپتە ( خەنزۇ مەكتەپ) دەم ئىلىش دىگەننى يوق دىسەكمۇ بولىدۇ. بۇنداق پۇرسەتلەر ئايلاپ-يىللاپ كەلمەيدىغان بولغاچقا ، مەن ئەسرالاشمىغىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن كىتاپخانىغا بىر بىرىپ كىلىش مەقسىتىدە، ئازاد يولى تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم. كاساپەت، قار بارغانسىرى كۆپ يېغىۋاتاتتى. كىتاپخانىغا بارغۇچە يىقىلىپ چۈشكىلى تاس-تاماس قالدىم. خۇداغا شۈكرى، ئۆيدىن بىسسىمىللا دەپ چىققاچقىمىكىن، يىقىلىپ چۈشۈشكە مۇيەسسەر بولمۇدۇم. ( ھى ھى). 15 مىنۇتتىن كىيىن كىتاپخانىغا كەلدىم. قارىسام بىرمۇ ئادەم يوق، شۇ چاغدا بۈگۈن ھەپتىگە ئۈچ ئىكەنلىكى ئىسىمگە كەلدى. ئادەم يوق بولغاچقا، كىتاپخانا ئىچى جىمجىت ئىدى. مەن بۇ پۇرسەتتە جىمجىت ئولتۇرۇپ ، بىر نەچچە پارچە ماقالە ئوقۇدۇم. ئوقۇ-ئوقۇ ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىپتىمەن. بىر چاغدا كىمدۇر بىرىنىڭ ئاۋازىنى سىرىتقا چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇغىنى ئاڭلاندى. بۇ كىمدۇ دەپ بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئەسلى بىر تازلىق ئىشچىسى ئىكەن... بۇرۇن بۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇپ باقمىغاچقا، بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ قەلبىمنى بىر خىل ئىللىق ئىقىم قاپلىۋالدى . مۇشۇنداق قەھرىتان كۈنلەردە ، جاپالىق خىزمەت ئارىلىقلىرىدا ۋاقتىنى يەنىلا بوش ئۆتكۈزگۈسى كەلمىگەن ئاددى بىر تازلىق ئىشچىسى بىلەن ئىسسىق ئىشخانىلىرىدا بىر كۈن ۋاقتىنى قۇرۇق گەپ سىتىش ، غەيۋەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقان كادىرلىرىمىز كاللامدا دەقىقىلىق سىلىشتۇرما بولۇپ ئۆتتى. ئەلۋەتتە، مەن بۇ كۆرۈنۈشنى خاتىرلىۋىلىش ئۈچۈن ، ئاپپاراتنى ئۇنىڭغا توغۇرلۇدۇم...

Hemmini Oqush

ياخشى كىتاپ: بۈيۈك كىلەچەك . GreatExpectations


ئۇزۇن ۋاقىت بلوگ يازماي قەلىمىممۇ گاللىشىپ كىتىپتۇ. بۈگۈن بىرەر تىما توغرۇلۇق شۇنچە ئويلانغان بولساممۇ، تۈزۈكرەك ئىلھاممۇ كەلمىدى. مۇشۇ ئىلھام دىگەن نەرسىنىزە، بىر تارتىنچاق قىزمىكىن دەيمەن. سەن ئۇنىڭغا قانچە يىپىشساڭ، سەندىن شۇنچە قاچىدۇ ، تۈزۈك چىراي ئاچمىساڭ، سىاڭا چاپلىشىۋىلىپ، قىلىدىغان قىلىق تاپالماي كىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ئۇشبۇ سەۋەپلىك، بىلوگۇمنى مەن ئوقۇغان بىر ياخشى كىتاپنى تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلاي. بۇ ئەسەرنىڭ ئىسمى '' بۈيۈك كىلەچەك'' تۇر.''بۈيۈك كىلەچەك'' --- ئەنگىلىيىنىڭ ئەڭ داڭلىق يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان چارلىز دىككىنىس )Charles Dickens,1812--1870( نىڭ ئىجادىيەت ئاخىرقى مەزگىللىردىكى ئەڭ پىشقان ئەسىرى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق رومانىدۇر. دىككىنىس جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا، ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا ۋە ئۆزلۈكىگە نىسبەتەن مۇكەممەل تونۇشقا ئىگە بولغان. بۇ - ئۇنىڭ ئەسىرى ''بۈيۈك كىلەچەك'' تە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ كىتاپنىڭ ئەسلى ئىسمى GreatExpectations بولۇپ، مەنىسى '' بۈيۈك مىراس، زور بايلىق'' دىگەن مەنالارنى بىرىدۇ . ئۇنىڭ خەنزۇچە نەشرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنى يۇقىرىدا كۆرسىتىلىپ ئۆتكەندەك ، ''بۈيۈك كىلەچەك'' دەپ تەرجىمە قىلىش مۇمكىن. لىكىن، '' بۈيۈك كىلەچەك'' دىگەن بۇ تەرجىمە ئەمەلىيەتتە بىر ئاچچىق كىنايە، مەسخىرە تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ئەسەرنى بىرىنچى قىتىم كۆرگەن كىشى ئەسەر تىمىسىغا قاراپلا ،ئەسەر مەزمۇنىڭ ئەسەر باش قەھرىمانى فىلىپنىڭ كىلەچىكىنىڭ بەربات بولغانلىقىغا ئائىت مەزمۇنلار سۆزلەنگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايدۇ. ئەگەر كىتاپخانلار مۇشۇنداق چۈشىنىۋالسا، دىككىنىسنىڭ ئەسەر ئىجادىيەت قىلىشتىكى مەقسىتىنى خاتا چۈشىنىۋالغان بولىدۇ. ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى فىلىپ ئاچىسىنىڭ ئۆيىدە تۇردىغان بولۇپ، تۇرمۇشى ئىنتايىن غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى. فىلىپنىڭ ئارزۇسى --- ئاكىسىدەك تۆمۇرچى بولۇش ئىدى. ئۇنىڭ ئالىيجاناپلاردىن بولۇش خىيالى يوق ئىدى. لىكىن ئۇنىڭ بۇ خىيالى ئۇ تۇرىۋاتقان مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەپلىك ئۆزگەردى. بۇ دەل دىككىنىسنىڭ پەلسەپەسىنىڭ بىرى--- مۇھىتنىڭ ئادەم پىسخىكىسىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئوخشىمىغان مۇھىت ئوخشىمىغان كىشىنى يىتىشتۈرىدۇ. ئالاھىدە مۇھىتتا پەۋقۇلئادە پىرسوناج يارىتىلىدۇ. خۇلاسىلىساق ،بۇ كىتاپ دىككىنىس نەچچە ئون يىللىق ئىجادىيەت ئاساسلىرىغا ئاساسلىنىپ يىزىلغان ، ئۇنىڭ ھايات قارىشى مۇجەسسەملەنگەن بىر ئىسىل كىتاپتۇر. ئاخىرىدا ، سىلەرنىڭ بوش ۋاقىتلىرىڭلاردىن پايدىلىنىپ بۇ كىتاپنى ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

Hemmini Oqush

2008年12月20日星期六

ئاللاھ ئۇيغۇرچىنى بىلەمدۇ؟


ئانا ،باشلانغۇچنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلىغا ئايەت - كەلمىلەردىن ئۆگىتىشكە باشلىدى.بالا بەكمۇ زىرەك ئىدى.كۆزلىرىدىن ئۈچقۇنلار چاقناپ تۇراتتى،ئانىسىدىن نۇرغۇن-نۇرغۇن سۇئاللارنى سورايتى،كۆڭلىدە بولسا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ سۇئاللار تىپچەكلەپ تۇراتتى...بىر يەكشەنبە كۈنى .ئانا ئوغلىغا تاماق يىيىشتىن ئىلگىرى ۋە تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن ئوقۇلىدىغان دۇئالارنى ئۆگىتىشكە باشلىدى.ئانا شۇنچە ئخلاس بىلەن قايتا- قايتا يىتەكچىلىك قىلغان بولسىمۇ ،ئوغلىنىڭ زىھنىنى يىغىمايۋاتقانلىقىنى كۆرۆپ سەل چىچىلدى:_ مىسران ،زىھنىڭنى يىغ ! نىمە خىيال قىلىۋاتىسەن ،قوزام.بۇ دۇئالارنى چۇقۇم بىلىۋىلىشىڭ كىرەك ،بۇ بەك مۇھىم.._ ئاپا _ دىدى ،مىسران سۇئال تۆكۆلۇپ تۇرغان چىرايلىق كۆزلىرىنى ئانىسىنىڭ كۆزلىرىگە تىككىنىچە _ سىزدىن بىر سۇئال سورىسام بولامدۇ؟_ بولىدۇ ،قىنى سورىغىن ،ئەمما كۆپ سورىمىغىن ،بۇ گۇن ئۆگىنىدىغىنىڭ كۆپ..._ ئاپا ،خۇدا ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ ،شۇنداقمۇ؟.._ شۇنداق ئوغلۇم ،خۇدا ھەممىگە قادىر ،ھەممە ئىشمىزنى بىلىپ تۇرىدۇ،ھەرقانداق ئىش-پائالىيتىڭ ئۇنىڭغا ئايان بولوپ تۇرىدۇ.._ ئاپا ئۇنداقتا خۇدا ئۇيغۇرچىنى بىلەمدۇ؟!...ئانا سەل تىرىكتى ،شۇنداقتىمۇ ئامراق ئوغلىغا جاۋاپ بەردى:_ ئەلۋەتتە ،چۇشىنىدۇ،قوزام ،ئۇ ھەممە تىللارنىڭ ياراتقۇچىسى.._ ۋاھ ،ئەمدى ياخشى بولدى!!مىسراننىڭ كۆزلىرى ئادەتتىكىدىن بەكرەك چاقناپ كەتتى.ئانا ھەيران بولدى:_ نىمە بولدى ساڭا،نىمىگە ياخشى بولدى؟_ بەك ياخشى بولدى،خۇدا نىڭ ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغىنى نىمىشقا بۇرۇنراق ئىيتمدىڭز ئاپا!؟مەن ئەمدى كۆڭلۇمدىكى تىلەكلىرىمنى ،دۇئالىرىمنى ئۆزتىلىمدا قىلىمەن.سىزنىڭ ئۆگەتكەنلىرىڭىز نى يادقا ئالغىنىم بىلەن ھىچنىمىنى بىلەلمىدىم..._ ئۇنداق قىلساڭ.......ياق ئەڭ ياخشىسى مەن ئۆگەتكەنلىرىمنى يادقا ئالغىن ،بۇنى چوڭ بولغاندا چۇشىنىپ قالىسەن..ھازىر مەن قانداق ئۆگەتسەم شۇنداق ئۆگەنگىن ،ئايات-سۈرىلەرنى ئۆگەنگەندە كۆپ سۇئال سورىساڭ يامان بولىدۇ..._ يامان بولىدۇ؟! مىسران ئاپىسىغا بەكمۇ ئامراق ئىدى.ئاپىسى ناماز ئۆتىگەن چاغلىرىدا ئاپىسىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى دوراپ تەڭ <<ناماز>>ئۆتەيتى.ئۇ ئانىسىدىن يەنە ئىچكىرىلەپ سۇئال سورىمىدى،ئۇنىڭ قەلبىدە گۇناھ ئاتالغۇسى ھەققىدە تۇرلۇك قىياسلار داۋاملىشاتتى....ئۇ ئاستاغىنە پىچىرلاپ قويدى:_ خۇدا راستىنلا ئۇيغۇرچىنى بىلەمدىغاندۇ؟ 2007 -يىلى 26-ماي .غۇلجا
شەبنەم تورى خەنجەربەگ يازمىسى .

Hemmini Oqush

«داموللا»دىكى «دا» خەنزۇچە سۆزمۇ؟


مەن بۇنى ئۇنداق ئەمەس دەيتتىميۇ، بىراق، تا ھازىرغىچە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئىرىشەلمىگەن ئىدىم. بۈگۈن ئەتتىگەن كىتاپ كۈرۈپ ئولتۇرۇپ تاساددىپى بۇ توغرىسىدىكى بىر ئىزدىنىش ماقالىسىغا كۈزۈم چۈشۈپ قالدى. شۇڭا، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشاي دىگەن ئوي بىلەن شۇ ماقالىنىڭ ئەڭ مېغىزلىق يېرىدىن تاللاپ ئازراقلا يوللاپ قويدۇم. قالغنىنغا قىززىققۇچىلار ئەسلى مەنبەنى كۈرۈپ باققاي. «مۇللا» دىگەن سۆز ئەرەپچىدىكى «مەۋلا» دىگەن سۆزدىن ئۆزگۈرۈپ كەلگەن بۇلۇپ ئۇنىڭ مەنىسى «ئۇستاز، خۇجا، ئىگەم، ئەپەندى» دىگەن مەنىگە ئىگە ئىكەن. «دا» دىگەن سۆز پارسچىدىكى «دەھ» دىگەن سۆزدىن كەلگەن بۇلۇپ، «ئون» دىگەن مەنىسى بار ئىكەن. ئىككىسى قۇشۇلغاندىن كېيىن «دەھ مەنلا» دىگەن سۆز ياسالغان بۇلۇپ ئۇنىڭ مەنىسى « ئون ساھەدىكى بىلىمنى ئىگەللىگەن، ئون خىل ئىلىمدە توشقان زات» دىگەن مەنىنى بىلدۈردىكەن. «دەھ» دىگەن سۆز پارسچىدا «دە» دەپ يېزىلىدىكەن، «مەۋلا» دىگەن سۆز «مولا» دەپ يېزىلىدىكەن. بۇ ئىككى سۆز قۇشۇلۇپ «دە مولا» دەپ يېزىلىپ ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشكەندىن كېيىن «دا مۇللا» بۇلۇپ قالغان. ھازىرمۇ بىرمۇنچە تۈركى مىللەتلەر «داموللا» سۆزىنى «دە مەنلا» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاتايدىكەن. ئۇنداقتا بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان «ئون ساھادىكى ئىلىم» قايسىلار؟ بۇلار (1) ئىلمى تەۋھىد(ئىلمى كالام)؛ (2) ئىلمى تەپسىر؛ (3) ئىلمى ھەدىس؛ (4) ئىلمى فىقھە؛ (5) ئىلمى تەجۋىد؛ (6)ئىلمى فەرائىز(مىراس قانۇنى) (7) ئىلمى مەنتىق؛ (8) ئىلمى سەرىف (مورفولوگىيە)؛ (9) ئىلمى نەھۋى (گىرامماتىكا)؛ (10) ئىلمى مەئانى (ئىستىلىستىكا). بۇ ئون تۈرلۈك ئىلىمنىڭ ھەر بىرىدە بىر قانچە ھەتتا ئون نەچچىدىن كىتاپ ئوقۇلىدىكەن، شۇڭا، كىشىلەر 10 نەچچە يىللاپ ئوقۇغاندىن كېيىنلا ئاندىن «دا موللا» ئۇنۋانىنى ئالالايدىكەن. شۇ سەۋەپتىن «دا مۇللا» سۆزنى «10 يىل ئوقۇغان مۇللا» دىگەن مەنىدە دىگۈچىلەرمۇ بار ئىكەن. مەنبە: ئۇيغۇرچە «جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» ژورنىلى جەۋھەرلىرى ---« ھىدايەت گولزارى» 1- قىسىم؛ مىللەتلەر نەشىرياتى 2006- يىلى 1- نەشىرى 684- بەت؛ شەمشىدىن ھاجى قەلىمىدىكى «داموللا» سۆزى ھەققىدە ئىزدىنىش دىگەن ماقالىدىن قىسقارتىپ يوللاندى.

Hemmini Oqush

(قىممەتلىك سۈرەتلەر)2-دۇنيا ئۇرىشىدىكى ئۇيغۇرلار















































(قىممەتلىك سۈرەتلەر)ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇسشىدىكى ئۇيغۇرلار بۇلارنى تورلاردىن ئىزدەپ يۈرۈپ ئاران تاپتىم```
قارىسام بىر-بىرىدىن قىممەتلىك سۈرەتلەركەن```
شۇڭا سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم
قوشۇمچە قىلىپ بۇنى يوللاپ قوياي:
ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا قانچىلىك ئۇيغۇر بارلىقى ئېنىق ئەمەس، بەزى مەنبەلەردە 300 مىڭدىن ئارتۇق دەپ ئېيتىلسىمۇ، بىراق بىرلىككە كەلگەن ئېنىق سان يوق. ئەمما، 20-يىللاردا سوۋېت ئۇيغۇر رەھبىرى ئابدۇللا روزىباقىيېۋ پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا 700 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقىنى ھېسابلىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسىمى ئۆزبەكىستانغا جايلاشقان ئىدى. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستاندا تۈزۈلگەن قوشۇنلار تەركىبىدە بىردەك ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن. تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر ئالدىنقى سەپتە بولدى؟ قانچىلىكى ئۆلدى دېگەن مەسىلە ھەققىدە تالاش-تارتىش مەۋجۇت بولۇپ، بەزىلەر 200 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، يېرىمى ئۆلدى دېسە، يەنە بەزى مەنبەلەردە 100 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بېرىپ، ئۇلارنىڭ 30 مىڭى قايتىپ كەلدى دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەلۋەتتە، ئۆزبېكىستاندىن ئۇرۇشقا بارغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى نوپۇسلىرىدا ئۆزبەر دەپ يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆزبېك كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلىشى تەبىئىي، ھەقىقەتەن 2-جاھان ئۇرۇشىمۇ 1937-1938-يىللىرىدا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىش دولقۇنى قوزغالغان پەيتكە دۇچ كەلگەن ئىدى. شۇڭا، 200 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئۇرۇشقا قاتناشتى دېيىشنىڭ مەلۇم ئاساسىي بار بولۇپ، ئەلۋەتتە، ئۆزبېكىستاندىكى ئۆزلىرىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىۋالغانلار ئۆزبېك دېگەن نام ئاستىدا ئۇرۇشقا باردى خالاس. ئۇيغۇرلار ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ مەركىزىگە جايلاشقان بىر خەلق بولۇشى سۇپىتى بىلەن مەيلى غەربىي ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى، ۋە ياكى شەرقىي جۇڭگو ھەم تىنچ ئوكياندىكى ئۇرۇش سەپلىرىدىن ئەڭ يىراقلىقتا ئىدى. لېكىن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، زور بىر تۇلۇمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تەۋەسىدە بولۇشى ئۇيغۇر خەلقىنى بۇ ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى. ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ قەدەم ئىزلىرى شەرقىي رۇسىيە، ئۇكرائىنىيە، بېلارۇسىيە ھەم غەربىي ۋە شەرقىي ياۋروپا بوستانلىقلىرىدا، تاغ-ئەدىرلىقلىرىدا قالدى. سانسىزلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تەنلىرى بۇ تۇپراقلارغا كۆمۈلدى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، ئەشۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تەنلىرى قۇچاقلاپ ياتقان ئەشۇ زېمىندىكى سانسىزلىغان ئادەملەر ئەينى ۋاقىتتا ھەتتا ھازىرمۇ ئوتلىرى ئۇچۇن جانلىرىنى تەقدىم قىلغان بۇ ئادەملەرنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇر دەيدىغان بىر بىچارە مىللەتنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئوز ۋەتەنلىرىدە ھوقۇقسىزلىقنىڭ ۋە خارلىنىشنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەمەلىيەتتە ،1944-1945-يىللىرىدا ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ سوۋېت ئارمىيىسى تەركىبىدە شەرقىي ۋە غەربىي ياۋروپادا جەڭ قىلىپ، پراگا، ۋارشاۋا، كراكوۋ، بۇخارېست قاتارلىق شەھەرلەرنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە ھەتتا بېرلىننى ئازاد قىلىش ئۇچۇن ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇشلاردا قان توكۇۋاتقاندا شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئۇيغۇر جەڭچىلىرى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۇچ ئۆلكە-مانجۇريىنى ياپونلاردىن ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە قۇربان بېرىۋاتقاندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى ئۇچ ۋىلايەتتىمۇ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى قوزغىلىپ، ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنى چىش –تىرنىغىغىچە قوراللانغان گومىنداڭ مۇنتىزىم قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، شىردەك گۈركىرەپ، دۇشمەن ئارمىيىسىنى ماناس دەرياسى بويىغىچە قوغلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئەپسۇسكى، ستالىن، شەرقىي ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ گىتلېر تاجاۋۇزىدىن ئازاد بولۇپ، قايتىدىن مۇستەقىل سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنى قۇرۇشىنى قوللىدىيۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماي، غۇلجىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيىتىنى گومىنداڭ بىلەن بىرلىشىشكە قىستىدى ۋە ئاخىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىلەن بىرلەشتۈردى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى ستالىننىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئايلانغان ئىدى. قىسقىسى ئۇيغۇر خەلقى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا باشقىلارنىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرى ئۇچۇن بەدەل تۆلىگەن بىر خەلق بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىنلا باشلانغان دۇنيا تەرتىپىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا كېلىپ چىققان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ئەڭ زىيان تارتقان خەلققە ئايلاندى. ئەگەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى شۇ مەزگىلدە ئوزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ھەل قىلىنىپ، غۇلجىدا قۇرۇلغان ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالالىغان بولسا ئىدى، بەلكى، باشقىچە ئاقىۋەتكە قالماس ئىدى، ئوز تىللىرىنى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىمۇ خىرىسقا دۇچ كېلىش ۋە ئوز تۇپراقلىرىدا ئازلاپ، كېلەچەكتە مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولالامدۇق –يوق دېگەن سوئاللارنى قويۇپ ئاۋارە بولۇش قىسمەتلىرىگە دۇچار بولماس ئىدى.

Hemmini Oqush

يىڭى ئىدىيە جۆيلۈمىسى


داۋاراڭچى بىر مىنۇتلۇق داۋراڭ ئۈچۈن 30 مىڭ يۈئەننى نەق ئالدى- دە، داۋراڭ ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى . ناخشا چولپىنى ئوبراز بەدىلى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈئەننى نەق ئالدى. ۋاقتى بىر مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىن ئاز.دەۋاگەر ئىلتىجا قىلىپ كەلدى، بوسۇقلاردا جىنايەت شان-شەرەپكە، پۇرسەتكە ، زىياپەتكە ئايلاندى. ھاجەتلەردىن بىنالار ئۈندى، داچىلار ئۈندى، ماشىنىلار ئۈندى....يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ستۇدېت قىز ئانىسىنىڭ باشلىشىدا ئىش ئىزدەپ ئىشخانىغا كىردى. تارتمىلار بايلىققا تولدى، ئىپپەت سودىسى باشلاندى. ئىشخانىلاردىكى توختام ئىشرەتخانىدا ئەمەلىيەشتى.ئاخۇنۇم نىكاھ ئوقۇدى، ئالدىغا 50 يۈئەن قويۇلدى.ئاخۇنۇم چالۋاقىدى:-نىكاھ ئوقۇپ ، ھارامنى ھالال قىلدىم، ھالاللىقىنىڭ بەدىلى مۇشۇما؟پاھىشە زىناخوردىن پۇلنى نەق ئالدى، ئاندىن نازلىنىشقا باشلىدى.دوختۇر ئىنجىقلاپ تۇرغان بىمارنىڭ يانچۇقىدىن پۇلنى ئاۋۋل سۇغۇرۇۋالدى، ئاندىن دىئاگنوز باشلىدى.زوردۇن سابىر ئون بەش يىل يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ «ئانا يۇرت» نى يىزىپ چىقىپ ، ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كەتتى. يازغۇچى بىلەن خۇشى يوق خېنىملارمۇ كىتابخانىلاردا ئۇنىڭ كىتابىنى ساتىدۇ.ئەدىبلار نەشرىيات بوسۇغىسىدا دۈگدىيىپ يۇرۈشكەن يېزىق مەدىكارلىرى. ئۇلار ئۆز ئەمگىكىنىڭ باھاسىنى يىزىق سودىگەرلىرىدىن ئەيمىنىپ سورىشىدۇ.- يېزىقچىلىق بىر پۇلسىرات كۆۋرۈكى، ئۇ قەيەرگە ئىلىپ باردىدۇ؟- يىقىلىپ چۈشسەڭ جەھەننەمگە، يىقىلمساڭ قىيامەتكە ئېلىپ بارىدۇ؟-قىيامەت دېگېنىڭ نىمە؟- زەردابى قەلەم، گادايى ئەلەم دېگەن گەپ....قاسساپ پۇل ئالماي تۇرۇپ گۆش بەرمەيدۇ، ئاشپەز پۇل ئالماي تۇرۇپ تاماق بەرمەيدۇ. شەھەرنىڭ قىستاڭ رەستىلىردە پۇل تۆلىمەي تۇرۇپ ھاجەتخانىغا كىرگىلى بولمايدۇ. ئەدىب جېنىنى خەجلەپ، نېسىگە يازىدۇ.«قۇتادغۇبىلىك» تىن ئودغۇرمىشنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭدىن سوردىم:- ئىدىينى نېمىشقا پۇلغا ئالغىلى بولمايدۇ؟- چۈنكى، ئىدىيىنى يېگىلى بولمايدۇ.- چۈشەنمىدىم .- زامانداشلىرىڭ قورساق كويىدا، ئۇلار ئىلىمدىن ئىدىيە ئەمەس ، نان سورايدۇ.- قورسىقى توقلارچۇ؟- ئۇلار ئىشرەت كويىدا. ئۇلار يېڭى ئىدىيىگە ئەمەس، تازلىق قەغىزىگە موھتاج.- مەن نىمە قىلىشىم كىرەك؟- سەن سۈكۈت قىل. بۈگۈنكى دۇنيانىڭ دۇنيانىڭ يۆنىلىشىنى ئاياللار بەلگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ كوپتىسى بىلەن يوپكىسىنىڭ ئارسىدا بۈيۈك ئىدېئولوگىيە بار.- ئۇنداقتا...- جىم تۇر، تەپەككۇر قۇلاقلىرى پاڭ بولدى، جىسمانىي سەزگۈلەر ئويغاندى...ئاھ، سىنا چۆلى ، ئارىلىقىڭ قانچىلىك يىراق؟! ئاپتورى: ئابدۇقادىر جالالىدىن مەنبەسى: شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى

Hemmini Oqush

ئۇيغۇرنىڭ بىلوگ تارىخىغا نەزەر…


بلوگ.يەنى ئىنگىلىزچىدىكى blog سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى بولسا ، توردا يىزىلغان خاتىرە دىگەنلىك بولىدۇ. بلوگ Email、BBS、ICQ لاردىن كىيىن چىققان تۆتىنچى ئەۋلاد توردا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋاستىسىدۇر.ئەمەلىيەتتە بلوگ ئادەتتىكى بىر توربەتتىن ئىبارەت. بلوگ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يىڭىلىنىپ تۇرىدىغان ، ھەجىمى نىسبەتەن قىسقىراق ماقالىلەردىن تۈزۈلىدۇ. ئەلۋەتتە. بلوگنىڭ ئەڭ زور ئالاھىىدىلىكى بلوگتا يىزىلغان ماقالىلەر چوقۇم ئۆز ئىجادىيىت بولۇشى كىرەك. توردىن كۆچۈرۈپ توشتىرۋەتكەن بلوگلارنىڭ مىنىڭچە ئانچە زور ئەھمىيىتى بولمايدۇ.ئۇيغۇرلاردا بلوگ مەدەنىيىتى مىنىڭ قارىشىمچە 2006-يىللىرى باشلانغان. بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن قۇرۇلغان بلوگلار بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇرۇن ئانا تىل يىزىقىمىزدىكى بلوگ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، نۇرغۇن بلوگىرلار لاتىن يىزىقىدا ياكى خەنزۇ تىلىدا باشقا بلوگلارنى ئىشلەتكەن.( hi.baidu.com بۇيەردە بۇ بلوگنى مىسال ئىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن)بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلاردىمۇ بلوگ قۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بۇنى تۆۋەندىكىدەك باسقۇچلارغا بۆلۈش مۇمكىن:بىرىنچى باسقۇچ. ئۇيغۇر سى ئەن يەنى شىنجاڭ لىنىيىسى، ئىلغار بىلوگى باشلىق بىرىنچى ئەۋلاد بلوگ تەمىنلىگۈچى تور بىكەتلەر. بۇنىڭدا ئۇيغۇر سى ئەن بۇ مۇلازىمىتىنى بىر يىرىم يىلچە تەمىنلەپ ، مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن تاقىلىپ قالدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان بلوگىرلار ( جىك بلوگى، شەخسەن ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر سى ئەن دىكى بىلوگى) ئىجادىيەت مىۋىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. مىنىڭچە بولغاندا، ئۇيغۇر سى ئەن مۇشۇنداقلا ماڭغان بولسا، ئۇيغۇر تور بەتچىلىدىكى سەركىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قىلىشى ئىھتىمالغا يىقىن ئىدى. چۈنكى بەت تۈزۈلىش، مەزمۇن، سەرخىللىق ۋە يىڭىلقلىرىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇر سى ئەن ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر تور مەدىنىيىتدە ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتقان ئىدى. ئەپسۇس ، بىر بۇيرۇق بىلەن بۇ بلوگ تاقىلىپ قالدى. بۇ خۇددىي دىھقانلىرىمىز بىر بۇيرۇق بىلەن يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىپ، لىۋىنى چىشلەپ قالغاندەك بىر ئىش بولدى. .. ئەمدى ، ئىلغارنىڭ بلوگىغاكەلسەك ، بۇمۇ ئۇيغۇر سى ئەن گە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولدى . تور كۆرگۈگە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ (چۈنكى ئانا تىلىمدا ياسالغان بلوگتە-مۇھەررىردىن) http://www.ilghar.net/ دەپ باسىدىغان كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى. دىمەك ، ئۇيغۇرنىڭ بلوگ تارىخىنى باشلاپ بەرگەن بۇ ئىككى يول ئاچقۇچى زەبەردەس قەدەملىرىنى بۈگۈنگىچە بىسىپ كىلەلمىدى.
ئىككىنچى باسقۇچ: بۇ باسقۇچ بىر ئۆتكۈنچى دەۋر بولدى. سەۋەبى يۇقىرىدا تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن ئىككى بلوگ بىلەن تەمىنلىگۈچى تور بىكەت ئىز-دىرەكسىز غايىپ بولغاندىن كىيىن ، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە نىيەت قىلغان بىر قانچە بلوگلار خۇددى يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك تىزلىكتە قۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ مەقسىتى تىزلىكتە بازار ئىگىلەش بولۇپ، سۈرئەتكە ئەھمىيەت بىرىپ، سۈپەتكە ، ئىھتىياجغا ئەھمىيەت بەرمىدى. ئاددىي قىلىپ ئىيتقاندا ، ئىشلەتكۈچىلەر ئويلىغان جايىدىن چىقمىدى. يەنە بەزى سەۋەبلەر: يەنى ئىقتىساد يىتىشمەي، بوشلۇق مۇقىم بولماسلىق ، خاككىرلارنىڭ رەزىل مەقسەتتە ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە ، بۇ خىلدىكى بلوگلار ناھايىتى تىز سۈرەتتە ( مەسىلەن: قۇرۇلۇپ بىر ئايدىن كىيىن ، ” قۇيرۇقىنى خادا قىلغان ” ئۇيسۇن بلوگىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.) غايىپ بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر بلوگىرلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغرلار قۇرغان بىلوگ مۇقىم بولمايدۇ دىگەن ئومۇمىي ئىقىم شەككىللنىپ، مۇقىمراق بلوگ ئىزدەش يولىغا ئاتلاندى.
ئۈچنچى باسقۇچ. بۇ جەريان دەل ئىككىنچى باسقۇچتا تىلغا ئالغان مۇقىم بلوگ قۇرۇش جەريانىدىكى ئىزدىنىشلەردۇر. يۇقىرقىدەك ساۋاقنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر بلوگىرلىرى باشقا تور بەتلەردىن بلوگ ئىزدەشكە چۈشتى. يەنى باشقا تىلدىكى ( مەسىلەن خەنزۇ تىلى—مۇھەررىردىن) بلوگلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلدى، بۇ جەرياندا بلوگباس ( blogbus.com ) تورىنىڭ مۇقىم بولۇشى، ئىقتىدارنىڭ تولۇق بولۇشى، ھەممىدىن قۇلايلىق بولغىنى — css نى قوللىشى بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان بلوگىرلارنى قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتتى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇيغۇردىن چىققان css ئۇستىلىرىدىن بىرى ” ئارامگاھ ” ( تور نامى— مۇھەررىدىن) بىرىنچى بولۇپ بلوگباسنى ئۇيغۇر چىلاشتۇرۇپ چىقتى .بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بلوگ مەدىنىيىتىگە ( گەرچە مەدەنىيەت قالپىقى سەل چوڭ كىلىپ قالغان بولسىمۇ— مۇھەررىدىن) قوشۇلغان زور تۆھپىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەڭ ئوبدان بولغىنى ، ئۇ بلوگباسنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى پۈتۈن ئۇيغۇر بلوگىرلىرى، جۈملىدىن بلوگ قۇرۇشنى ئىستەۋەتقان تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بلوگباستىن بلوگ ئىلتىماس قىلىپ، مۇۋەپىقىيەتلىك ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتقانلار 50 تىن ئاشتى. شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، بۇ باسقۇچتىكى تەرەقىياتنىڭ مىۋىسى ئاساسەن بلوگ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى تۆھپىكارلارغا مەنسۇپتۇر.
تۆتىنچى باسقۇچ: بۇ جەريان ئۈچىنچى باسقۇچ بىلەن تەڭ ئىلىپ بىرىلغان جەريان دىيىشكە بولىدۇ. لىكىن بۇنى ئۈچۈنچى باسقۇچ بىلەن بىر يەرگە قويۇشقا بولمايدۇ. سەۋەپ : تۆتىنچى باسقۇچتا ئۇيغۇرلاردا ھەقىقىي خارەكتىردىكى بلوگلار قۇرۇلۇشقا باشلىدى .بۇنىڭدا شىنجاڭ ئۇچۇر لىنىيىسى ۋە ئۇزبلوگ تەمىنلىگەن wordpress سۇپىسىدىكى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بلوەلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. كىيىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بلوگلار بىلەن ئۆز ئانا تىل يىزىقىمىزدىكى بلوگلار ئۆئارا ” خىرىس ” قىلىشىدىغان يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ يامان نىيەتتىكى رىقابەتلىشىش ئەمەس. ھەم بۇنداق بولۇشىنى ھىچكىممۇ خالىمايدۇ. بۇ خىل رىقابەتنىڭ نەتىجىسىدە بلوگباس ئوينايدىغانلار ۋە باشقا توربەتلەردە بلوگ ئاچقانلار ئايرىم-ئايرىم قەبىلە بولدى … ئەمما ، بۈگۈنكىدەك ئورتاق تەرەقىيات يۆلىنىشىدە تۇرۇپ، بىر- بىرىگە ياردەم بىرىدىغان ، مەسىلەن بىر-بىرلىرىنىڭ بلوگلىرىدىكى ئىلانلىرىنى چىكىپ قويىدىغان ۋەزىيەت شەككللەندى ھەمدە بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇر بلوگ مەدىنىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
مۇھەررىر ئىلاۋەسى: ئەسەردە تىلغا ئىلىنغان تور بەت ،رەسىم ۋە كىشىلەرگە قارىتا ھىچقانداق يامان غەرەزىمىز يوق. رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلگەن ئەسەرلەرگە قارىتا، تور بىتىمىز ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ

Hemmini Oqush