2008年12月24日星期三

ئۇ ئادەتتىكى بىر تازلىق ئىشچىسىمۇ؟
















بۈگۈن مەكتەپ بىزنى دەم ئىلىشقا قويۇپ بەردى. مەن ئوقۇۋاتقان بۇ مەكتەپتە ( خەنزۇ مەكتەپ) دەم ئىلىش دىگەننى يوق دىسەكمۇ بولىدۇ. بۇنداق پۇرسەتلەر ئايلاپ-يىللاپ كەلمەيدىغان بولغاچقا ، مەن ئەسرالاشمىغىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن كىتاپخانىغا بىر بىرىپ كىلىش مەقسىتىدە، ئازاد يولى تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم. كاساپەت، قار بارغانسىرى كۆپ يېغىۋاتاتتى. كىتاپخانىغا بارغۇچە يىقىلىپ چۈشكىلى تاس-تاماس قالدىم. خۇداغا شۈكرى، ئۆيدىن بىسسىمىللا دەپ چىققاچقىمىكىن، يىقىلىپ چۈشۈشكە مۇيەسسەر بولمۇدۇم. ( ھى ھى). 15 مىنۇتتىن كىيىن كىتاپخانىغا كەلدىم. قارىسام بىرمۇ ئادەم يوق، شۇ چاغدا بۈگۈن ھەپتىگە ئۈچ ئىكەنلىكى ئىسىمگە كەلدى. ئادەم يوق بولغاچقا، كىتاپخانا ئىچى جىمجىت ئىدى. مەن بۇ پۇرسەتتە جىمجىت ئولتۇرۇپ ، بىر نەچچە پارچە ماقالە ئوقۇدۇم. ئوقۇ-ئوقۇ ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىپتىمەن. بىر چاغدا كىمدۇر بىرىنىڭ ئاۋازىنى سىرىتقا چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇغىنى ئاڭلاندى. بۇ كىمدۇ دەپ بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئەسلى بىر تازلىق ئىشچىسى ئىكەن... بۇرۇن بۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇپ باقمىغاچقا، بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ قەلبىمنى بىر خىل ئىللىق ئىقىم قاپلىۋالدى . مۇشۇنداق قەھرىتان كۈنلەردە ، جاپالىق خىزمەت ئارىلىقلىرىدا ۋاقتىنى يەنىلا بوش ئۆتكۈزگۈسى كەلمىگەن ئاددى بىر تازلىق ئىشچىسى بىلەن ئىسسىق ئىشخانىلىرىدا بىر كۈن ۋاقتىنى قۇرۇق گەپ سىتىش ، غەيۋەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقان كادىرلىرىمىز كاللامدا دەقىقىلىق سىلىشتۇرما بولۇپ ئۆتتى. ئەلۋەتتە، مەن بۇ كۆرۈنۈشنى خاتىرلىۋىلىش ئۈچۈن ، ئاپپاراتنى ئۇنىڭغا توغۇرلۇدۇم...

1 评论:

uzunjahan 说...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
سىزنىڭ بلوگىڭىزدىمۇ ئەھمىيەتلىك تىمىلار بار ئىكەن.
راست، ئۇسلۇب ئانچە ياخشى ئەمەسكەن. ئۇسلۇبنى ئالماشتۇرۇۋەتسىڭىز بولغىدەك.
بلوگنىڭ 自定义
دىگەن كۆزنىكىنى چىكىپ،
ئۇ يەردىن 选择新模板
نى چەكسىڭىز، سىزگە كىرەكلىك ئۇسلۇبلار چىقىدۇ.
مەن شۇ يەردىن تاللىغان.

发表评论