2008年12月20日星期六

(قىممەتلىك سۈرەتلەر)2-دۇنيا ئۇرىشىدىكى ئۇيغۇرلار















































(قىممەتلىك سۈرەتلەر)ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇسشىدىكى ئۇيغۇرلار بۇلارنى تورلاردىن ئىزدەپ يۈرۈپ ئاران تاپتىم```
قارىسام بىر-بىرىدىن قىممەتلىك سۈرەتلەركەن```
شۇڭا سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم
قوشۇمچە قىلىپ بۇنى يوللاپ قوياي:
ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا قانچىلىك ئۇيغۇر بارلىقى ئېنىق ئەمەس، بەزى مەنبەلەردە 300 مىڭدىن ئارتۇق دەپ ئېيتىلسىمۇ، بىراق بىرلىككە كەلگەن ئېنىق سان يوق. ئەمما، 20-يىللاردا سوۋېت ئۇيغۇر رەھبىرى ئابدۇللا روزىباقىيېۋ پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا 700 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقىنى ھېسابلىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسىمى ئۆزبەكىستانغا جايلاشقان ئىدى. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستاندا تۈزۈلگەن قوشۇنلار تەركىبىدە بىردەك ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن. تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر ئالدىنقى سەپتە بولدى؟ قانچىلىكى ئۆلدى دېگەن مەسىلە ھەققىدە تالاش-تارتىش مەۋجۇت بولۇپ، بەزىلەر 200 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، يېرىمى ئۆلدى دېسە، يەنە بەزى مەنبەلەردە 100 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بېرىپ، ئۇلارنىڭ 30 مىڭى قايتىپ كەلدى دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەلۋەتتە، ئۆزبېكىستاندىن ئۇرۇشقا بارغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى نوپۇسلىرىدا ئۆزبەر دەپ يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆزبېك كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلىشى تەبىئىي، ھەقىقەتەن 2-جاھان ئۇرۇشىمۇ 1937-1938-يىللىرىدا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىش دولقۇنى قوزغالغان پەيتكە دۇچ كەلگەن ئىدى. شۇڭا، 200 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئۇرۇشقا قاتناشتى دېيىشنىڭ مەلۇم ئاساسىي بار بولۇپ، ئەلۋەتتە، ئۆزبېكىستاندىكى ئۆزلىرىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىۋالغانلار ئۆزبېك دېگەن نام ئاستىدا ئۇرۇشقا باردى خالاس. ئۇيغۇرلار ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ مەركىزىگە جايلاشقان بىر خەلق بولۇشى سۇپىتى بىلەن مەيلى غەربىي ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى، ۋە ياكى شەرقىي جۇڭگو ھەم تىنچ ئوكياندىكى ئۇرۇش سەپلىرىدىن ئەڭ يىراقلىقتا ئىدى. لېكىن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، زور بىر تۇلۇمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تەۋەسىدە بولۇشى ئۇيغۇر خەلقىنى بۇ ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى. ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ قەدەم ئىزلىرى شەرقىي رۇسىيە، ئۇكرائىنىيە، بېلارۇسىيە ھەم غەربىي ۋە شەرقىي ياۋروپا بوستانلىقلىرىدا، تاغ-ئەدىرلىقلىرىدا قالدى. سانسىزلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تەنلىرى بۇ تۇپراقلارغا كۆمۈلدى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، ئەشۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تەنلىرى قۇچاقلاپ ياتقان ئەشۇ زېمىندىكى سانسىزلىغان ئادەملەر ئەينى ۋاقىتتا ھەتتا ھازىرمۇ ئوتلىرى ئۇچۇن جانلىرىنى تەقدىم قىلغان بۇ ئادەملەرنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇر دەيدىغان بىر بىچارە مىللەتنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئوز ۋەتەنلىرىدە ھوقۇقسىزلىقنىڭ ۋە خارلىنىشنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەمەلىيەتتە ،1944-1945-يىللىرىدا ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ سوۋېت ئارمىيىسى تەركىبىدە شەرقىي ۋە غەربىي ياۋروپادا جەڭ قىلىپ، پراگا، ۋارشاۋا، كراكوۋ، بۇخارېست قاتارلىق شەھەرلەرنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە ھەتتا بېرلىننى ئازاد قىلىش ئۇچۇن ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇشلاردا قان توكۇۋاتقاندا شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئۇيغۇر جەڭچىلىرى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۇچ ئۆلكە-مانجۇريىنى ياپونلاردىن ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە قۇربان بېرىۋاتقاندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى ئۇچ ۋىلايەتتىمۇ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى قوزغىلىپ، ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنى چىش –تىرنىغىغىچە قوراللانغان گومىنداڭ مۇنتىزىم قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، شىردەك گۈركىرەپ، دۇشمەن ئارمىيىسىنى ماناس دەرياسى بويىغىچە قوغلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئەپسۇسكى، ستالىن، شەرقىي ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ گىتلېر تاجاۋۇزىدىن ئازاد بولۇپ، قايتىدىن مۇستەقىل سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنى قۇرۇشىنى قوللىدىيۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماي، غۇلجىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيىتىنى گومىنداڭ بىلەن بىرلىشىشكە قىستىدى ۋە ئاخىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىلەن بىرلەشتۈردى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى ستالىننىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئايلانغان ئىدى. قىسقىسى ئۇيغۇر خەلقى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا باشقىلارنىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرى ئۇچۇن بەدەل تۆلىگەن بىر خەلق بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىنلا باشلانغان دۇنيا تەرتىپىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا كېلىپ چىققان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ئەڭ زىيان تارتقان خەلققە ئايلاندى. ئەگەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى شۇ مەزگىلدە ئوزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ھەل قىلىنىپ، غۇلجىدا قۇرۇلغان ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالالىغان بولسا ئىدى، بەلكى، باشقىچە ئاقىۋەتكە قالماس ئىدى، ئوز تىللىرىنى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىمۇ خىرىسقا دۇچ كېلىش ۋە ئوز تۇپراقلىرىدا ئازلاپ، كېلەچەكتە مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولالامدۇق –يوق دېگەن سوئاللارنى قويۇپ ئاۋارە بولۇش قىسمەتلىرىگە دۇچار بولماس ئىدى.

0 评论:

发表评论