2008年12月20日星期六

ئاللاھ ئۇيغۇرچىنى بىلەمدۇ؟


ئانا ،باشلانغۇچنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلىغا ئايەت - كەلمىلەردىن ئۆگىتىشكە باشلىدى.بالا بەكمۇ زىرەك ئىدى.كۆزلىرىدىن ئۈچقۇنلار چاقناپ تۇراتتى،ئانىسىدىن نۇرغۇن-نۇرغۇن سۇئاللارنى سورايتى،كۆڭلىدە بولسا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ سۇئاللار تىپچەكلەپ تۇراتتى...بىر يەكشەنبە كۈنى .ئانا ئوغلىغا تاماق يىيىشتىن ئىلگىرى ۋە تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن ئوقۇلىدىغان دۇئالارنى ئۆگىتىشكە باشلىدى.ئانا شۇنچە ئخلاس بىلەن قايتا- قايتا يىتەكچىلىك قىلغان بولسىمۇ ،ئوغلىنىڭ زىھنىنى يىغىمايۋاتقانلىقىنى كۆرۆپ سەل چىچىلدى:_ مىسران ،زىھنىڭنى يىغ ! نىمە خىيال قىلىۋاتىسەن ،قوزام.بۇ دۇئالارنى چۇقۇم بىلىۋىلىشىڭ كىرەك ،بۇ بەك مۇھىم.._ ئاپا _ دىدى ،مىسران سۇئال تۆكۆلۇپ تۇرغان چىرايلىق كۆزلىرىنى ئانىسىنىڭ كۆزلىرىگە تىككىنىچە _ سىزدىن بىر سۇئال سورىسام بولامدۇ؟_ بولىدۇ ،قىنى سورىغىن ،ئەمما كۆپ سورىمىغىن ،بۇ گۇن ئۆگىنىدىغىنىڭ كۆپ..._ ئاپا ،خۇدا ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ ،شۇنداقمۇ؟.._ شۇنداق ئوغلۇم ،خۇدا ھەممىگە قادىر ،ھەممە ئىشمىزنى بىلىپ تۇرىدۇ،ھەرقانداق ئىش-پائالىيتىڭ ئۇنىڭغا ئايان بولوپ تۇرىدۇ.._ ئاپا ئۇنداقتا خۇدا ئۇيغۇرچىنى بىلەمدۇ؟!...ئانا سەل تىرىكتى ،شۇنداقتىمۇ ئامراق ئوغلىغا جاۋاپ بەردى:_ ئەلۋەتتە ،چۇشىنىدۇ،قوزام ،ئۇ ھەممە تىللارنىڭ ياراتقۇچىسى.._ ۋاھ ،ئەمدى ياخشى بولدى!!مىسراننىڭ كۆزلىرى ئادەتتىكىدىن بەكرەك چاقناپ كەتتى.ئانا ھەيران بولدى:_ نىمە بولدى ساڭا،نىمىگە ياخشى بولدى؟_ بەك ياخشى بولدى،خۇدا نىڭ ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغىنى نىمىشقا بۇرۇنراق ئىيتمدىڭز ئاپا!؟مەن ئەمدى كۆڭلۇمدىكى تىلەكلىرىمنى ،دۇئالىرىمنى ئۆزتىلىمدا قىلىمەن.سىزنىڭ ئۆگەتكەنلىرىڭىز نى يادقا ئالغىنىم بىلەن ھىچنىمىنى بىلەلمىدىم..._ ئۇنداق قىلساڭ.......ياق ئەڭ ياخشىسى مەن ئۆگەتكەنلىرىمنى يادقا ئالغىن ،بۇنى چوڭ بولغاندا چۇشىنىپ قالىسەن..ھازىر مەن قانداق ئۆگەتسەم شۇنداق ئۆگەنگىن ،ئايات-سۈرىلەرنى ئۆگەنگەندە كۆپ سۇئال سورىساڭ يامان بولىدۇ..._ يامان بولىدۇ؟! مىسران ئاپىسىغا بەكمۇ ئامراق ئىدى.ئاپىسى ناماز ئۆتىگەن چاغلىرىدا ئاپىسىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى دوراپ تەڭ <<ناماز>>ئۆتەيتى.ئۇ ئانىسىدىن يەنە ئىچكىرىلەپ سۇئال سورىمىدى،ئۇنىڭ قەلبىدە گۇناھ ئاتالغۇسى ھەققىدە تۇرلۇك قىياسلار داۋاملىشاتتى....ئۇ ئاستاغىنە پىچىرلاپ قويدى:_ خۇدا راستىنلا ئۇيغۇرچىنى بىلەمدىغاندۇ؟ 2007 -يىلى 26-ماي .غۇلجا
شەبنەم تورى خەنجەربەگ يازمىسى .

0 评论:

发表评论