
بلوگ.يەنى ئىنگىلىزچىدىكى blog سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى بولسا ، توردا يىزىلغان خاتىرە دىگەنلىك بولىدۇ. بلوگ Email、BBS、ICQ لاردىن كىيىن چىققان تۆتىنچى ئەۋلاد توردا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋاستىسىدۇر.ئەمەلىيەتتە بلوگ ئادەتتىكى بىر توربەتتىن ئىبارەت. بلوگ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يىڭىلىنىپ تۇرىدىغان ، ھەجىمى نىسبەتەن قىسقىراق ماقالىلەردىن تۈزۈلىدۇ. ئەلۋەتتە. بلوگنىڭ ئەڭ زور ئالاھىىدىلىكى بلوگتا يىزىلغان ماقالىلەر چوقۇم ئۆز ئىجادىيىت بولۇشى كىرەك. توردىن كۆچۈرۈپ توشتىرۋەتكەن بلوگلارنىڭ مىنىڭچە ئانچە زور ئەھمىيىتى بولمايدۇ.ئۇيغۇرلاردا بلوگ مەدەنىيىتى مىنىڭ قارىشىمچە 2006-يىللىرى باشلانغان. بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن قۇرۇلغان بلوگلار بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇرۇن ئانا تىل يىزىقىمىزدىكى بلوگ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، نۇرغۇن بلوگىرلار لاتىن يىزىقىدا ياكى خەنزۇ تىلىدا باشقا بلوگلارنى ئىشلەتكەن.(
hi.baidu.com بۇيەردە بۇ بلوگنى مىسال ئىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن)بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلاردىمۇ بلوگ قۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بۇنى تۆۋەندىكىدەك باسقۇچلارغا بۆلۈش مۇمكىن:بىرىنچى باسقۇچ. ئۇيغۇر سى ئەن يەنى شىنجاڭ لىنىيىسى، ئىلغار بىلوگى باشلىق بىرىنچى ئەۋلاد بلوگ تەمىنلىگۈچى تور بىكەتلەر. بۇنىڭدا ئۇيغۇر سى ئەن بۇ مۇلازىمىتىنى بىر يىرىم يىلچە تەمىنلەپ ، مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن تاقىلىپ قالدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان بلوگىرلار ( جىك بلوگى، شەخسەن ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر سى ئەن دىكى بىلوگى) ئىجادىيەت مىۋىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. مىنىڭچە بولغاندا، ئۇيغۇر سى ئەن مۇشۇنداقلا ماڭغان بولسا، ئۇيغۇر تور بەتچىلىدىكى سەركىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قىلىشى ئىھتىمالغا يىقىن ئىدى. چۈنكى بەت تۈزۈلىش، مەزمۇن، سەرخىللىق ۋە يىڭىلقلىرىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇر سى ئەن ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر تور مەدىنىيىتدە ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتقان ئىدى. ئەپسۇس ، بىر بۇيرۇق بىلەن بۇ بلوگ تاقىلىپ قالدى. بۇ خۇددىي دىھقانلىرىمىز بىر بۇيرۇق بىلەن يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىپ، لىۋىنى چىشلەپ قالغاندەك بىر ئىش بولدى. .. ئەمدى ، ئىلغارنىڭ بلوگىغاكەلسەك ، بۇمۇ ئۇيغۇر سى ئەن گە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولدى . تور كۆرگۈگە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ (چۈنكى ئانا تىلىمدا ياسالغان بلوگتە-مۇھەررىردىن)
http://www.ilghar.net/ دەپ باسىدىغان كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى. دىمەك ، ئۇيغۇرنىڭ بلوگ تارىخىنى باشلاپ بەرگەن بۇ ئىككى يول ئاچقۇچى زەبەردەس قەدەملىرىنى بۈگۈنگىچە بىسىپ كىلەلمىدى.
ئىككىنچى باسقۇچ: بۇ باسقۇچ بىر ئۆتكۈنچى دەۋر بولدى. سەۋەبى يۇقىرىدا تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن ئىككى بلوگ بىلەن تەمىنلىگۈچى تور بىكەت ئىز-دىرەكسىز غايىپ بولغاندىن كىيىن ، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە نىيەت قىلغان بىر قانچە بلوگلار خۇددى يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك تىزلىكتە قۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ مەقسىتى تىزلىكتە بازار ئىگىلەش بولۇپ، سۈرئەتكە ئەھمىيەت بىرىپ، سۈپەتكە ، ئىھتىياجغا ئەھمىيەت بەرمىدى. ئاددىي قىلىپ ئىيتقاندا ، ئىشلەتكۈچىلەر ئويلىغان جايىدىن چىقمىدى. يەنە بەزى سەۋەبلەر: يەنى ئىقتىساد يىتىشمەي، بوشلۇق مۇقىم بولماسلىق ، خاككىرلارنىڭ رەزىل مەقسەتتە ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە ، بۇ خىلدىكى بلوگلار ناھايىتى تىز سۈرەتتە ( مەسىلەن: قۇرۇلۇپ بىر ئايدىن كىيىن ، ” قۇيرۇقىنى خادا قىلغان ” ئۇيسۇن بلوگىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.) غايىپ بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر بلوگىرلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغرلار قۇرغان بىلوگ مۇقىم بولمايدۇ دىگەن ئومۇمىي ئىقىم شەككىللنىپ، مۇقىمراق بلوگ ئىزدەش يولىغا ئاتلاندى.
ئۈچنچى باسقۇچ. بۇ جەريان دەل ئىككىنچى باسقۇچتا تىلغا ئالغان مۇقىم بلوگ قۇرۇش جەريانىدىكى ئىزدىنىشلەردۇر. يۇقىرقىدەك ساۋاقنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر بلوگىرلىرى باشقا تور بەتلەردىن بلوگ ئىزدەشكە چۈشتى. يەنى باشقا تىلدىكى ( مەسىلەن خەنزۇ تىلى—مۇھەررىردىن) بلوگلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلدى، بۇ جەرياندا بلوگباس (
blogbus.com ) تورىنىڭ مۇقىم بولۇشى، ئىقتىدارنىڭ تولۇق بولۇشى، ھەممىدىن قۇلايلىق بولغىنى — css نى قوللىشى بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان بلوگىرلارنى قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتتى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇيغۇردىن چىققان css ئۇستىلىرىدىن بىرى ” ئارامگاھ ” ( تور نامى— مۇھەررىدىن) بىرىنچى بولۇپ بلوگباسنى ئۇيغۇر چىلاشتۇرۇپ چىقتى .بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بلوگ مەدىنىيىتىگە ( گەرچە مەدەنىيەت قالپىقى سەل چوڭ كىلىپ قالغان بولسىمۇ— مۇھەررىدىن) قوشۇلغان زور تۆھپىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەڭ ئوبدان بولغىنى ، ئۇ بلوگباسنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى پۈتۈن ئۇيغۇر بلوگىرلىرى، جۈملىدىن بلوگ قۇرۇشنى ئىستەۋەتقان تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بلوگباستىن بلوگ ئىلتىماس قىلىپ، مۇۋەپىقىيەتلىك ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتقانلار 50 تىن ئاشتى. شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، بۇ باسقۇچتىكى تەرەقىياتنىڭ مىۋىسى ئاساسەن بلوگ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى تۆھپىكارلارغا مەنسۇپتۇر.
تۆتىنچى باسقۇچ: بۇ جەريان ئۈچىنچى باسقۇچ بىلەن تەڭ ئىلىپ بىرىلغان جەريان دىيىشكە بولىدۇ. لىكىن بۇنى ئۈچۈنچى باسقۇچ بىلەن بىر يەرگە قويۇشقا بولمايدۇ. سەۋەپ : تۆتىنچى باسقۇچتا ئۇيغۇرلاردا ھەقىقىي خارەكتىردىكى بلوگلار قۇرۇلۇشقا باشلىدى .بۇنىڭدا شىنجاڭ ئۇچۇر لىنىيىسى ۋە ئۇزبلوگ تەمىنلىگەن wordpress سۇپىسىدىكى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بلوەلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. كىيىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بلوگلار بىلەن ئۆز ئانا تىل يىزىقىمىزدىكى بلوگلار ئۆئارا ” خىرىس ” قىلىشىدىغان يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ يامان نىيەتتىكى رىقابەتلىشىش ئەمەس. ھەم بۇنداق بولۇشىنى ھىچكىممۇ خالىمايدۇ. بۇ خىل رىقابەتنىڭ نەتىجىسىدە بلوگباس ئوينايدىغانلار ۋە باشقا توربەتلەردە بلوگ ئاچقانلار ئايرىم-ئايرىم قەبىلە بولدى … ئەمما ، بۈگۈنكىدەك ئورتاق تەرەقىيات يۆلىنىشىدە تۇرۇپ، بىر- بىرىگە ياردەم بىرىدىغان ، مەسىلەن بىر-بىرلىرىنىڭ بلوگلىرىدىكى ئىلانلىرىنى چىكىپ قويىدىغان ۋەزىيەت شەككللەندى ھەمدە بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇر بلوگ مەدىنىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
مۇھەررىر ئىلاۋەسى: ئەسەردە تىلغا ئىلىنغان تور بەت ،رەسىم ۋە كىشىلەرگە قارىتا ھىچقانداق يامان غەرەزىمىز يوق. رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلگەن ئەسەرلەرگە قارىتا، تور بىتىمىز ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ
Hemmini Oqush